تۈركىيە «S-400» سېتىۋېلىشتا كەينىگە چېكىنمەيدۇ

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىش قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ھالدا: «تۈركىيە ئاقىۋىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق شەكىلدە كەينىگە چېكىنمەيدۇ» دېدى.

1218811
تۈركىيە «S-400» سېتىۋېلىشتا كەينىگە چېكىنمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىسى كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، تاپشۇرۇش مۇساپىسىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە «S-400» لەرنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «ئامېرىكا نېمە دېسە شۇ بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقا دۆلەتلەرگە <ئال ياكى ئالما> دەپ بۇيرۇق بېرىشىنى قوبۇل قىلمايمىز. ئامېرىكا بۇ خىل پوزىتسىيەقسىدىن ۋاز كېچىشى لازىم. بىزگە قارىتا سەلبىي پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەت بولسا، بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ «S-400» سېتىۋېلىشتا قەتئىي ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق شەكىلدە كەينىگە چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئاقىۋىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە ئاستانا مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيتىنىڭ كاپالەتچىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىران ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بەششار ئەسەدكە گەپ ئۆتكۈزەلمەيمىز، دېگەندەك سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايمىز. ئىدلىبتىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەۋەتىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (13-ئىيۇن) تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتىكى كۆزىتىش نۇقتىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە: «رايونغا قەستەن ئوق ئېتىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمىز. رۇسىيەگە كېرەكلىك سىگنالنى بەردۇق، بۇ ئەھۋال يەنە تەكرارلانسا، نېمە قىلىش كېرەك شۇنى قىلىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر