چاۋۇشئوغلۇ بر قاتار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا.

1217951
چاۋۇشئوغلۇ بر قاتار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاراداغ پارلامېنتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئاندرىجا نىكولىچ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر ئو.پېدېرسېن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئورتاقلاشقان چاۋۇشئوغلۇ، نىكولىچ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ھەققىدە «قاراداغ پارلامېنتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى ۋە ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. بۇ دوست دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر بارلىق ساھەلەر بويىچە گۈللەنمەكتە» دېدى.

ئۇ، پېدېرسېن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بولسا، «ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر ئو.پېدېرسېن بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ئىدلىب جىددىيچىلىكىنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە سىياسىي خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى تۈپ نىشانلىرىمىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر