ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى خۇلۇسى ئاقارغا مەكتۇب يوللىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناخان تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارغا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەكتۇپ يوللىدى.

1214881
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى خۇلۇسى ئاقارغا مەكتۇب يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناخاننىڭ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارغا مەكتۇب يوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرلىشىچە، شاناخان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتۇبىدا، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىستىراتېگىيەلىك شىرىكلىك ئاساسىدا، كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قوغدىغان شەكىلدە بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ كۈتكەنلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىملىقى بىلدۈرگەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر