مىنىستىر ئاكار بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا نۇرغۇن تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار 64 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1213484
مىنىستىر ئاكار بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا نۇرغۇن تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار 27-مايدىن بۇيان پەنچە ھەربىي ھەرىكىتىدە 28، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتتە 25، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 11 بولۇپ جەمئىي 64 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىقى باشلىقى  ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى باشلىقى گېنېرال ئۆزبال، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى باشلىقى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاكيۈز قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلار تۈنۈگۈن كەچتە ھاككارى ۋىلايىتىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىگە باردى.

يۈكسەكئوۋادىن تىكئۇچار بىلەن دەرەجىك رايونىغا كەلگەن مىنىستىر ئاكار ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدىكى تېررورچىلارغا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تاكتىكا قوماندانلىق مەركىزى بولغان 34-چېگرا قىسىملىرى قوماندانلىقىدا ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى.

مىنىستىر ئاكار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىمىز ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ  بېرىلماقتا، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىمىز بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالدى، دېدى.

مىنىستىر ئاكار ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت تاكتىكا  قوماندانلىق مەركىزىدىن «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق تەپسلىي مەلۇمات ئالدى.

«پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان قوماندان ۋە ئەسكەرلەرگە رەھمەت ئېيتقان مىنىستىر ئاكار مۇنداق دېدى: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغىچە كىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر