ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى (ي ت ب) باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، تۈنۈگۈن خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1208395
ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ ئەرەن تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 170 كە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن مىڭلارچە ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرەن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى سېربىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ياۋروپادىكى تۈركلەرگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ يىل تۇنجى قېتىم سېربىيە چېگرالىرىدا تۈرك ساقچى فورمىلىرىنى كىيگەن خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرەن، «بۇ تەتىلدە تۈركىيەدە ساياھەت قىلىدىغان ياۋروپالىق تۈركلەرگە سېربىيە چېگراسىدا ئۈچتىن تۈرك ساقچىسى ۋە تۈركچە – سېربچە بىلىدىغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ 2010 – يىلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىرلىقى مەزگىلىدە قۇرۇلغانلىقىنى ۋە چەت ئەلدىكى تۈركلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرەن، «تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى ئۈچ ئاساسىي ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى چەت ئەلدىكى پۇقرالىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش. ياۋروپادىكى تۈرك مەۋجۇدىيىتى نۇرغۇن دوئېل ئېلان قىلىشلارغا قارشى تۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا تىرىشماقتا. ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئانا ۋەتەنگىمۇ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھەسسە قوشىدىغان كۈچلۈك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن بىز نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز بىر ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇشۇ يولدا خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ئورگىنىمىزنىڭ تونۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتىمىز» دېدى.

چەت ئەللەردىكى تۈركلەرنىڭ سانىنىڭ نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسىدىن كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەرەن، «بۇ پۇقرالىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەم ئورگانلار ھەم مىنىستىرلار دەرىجىسىدە خىزمەت قىلىۋاتىمىز.» دېدى.

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى باشلىقى ئەرەن، مەزكۇر خىزمەتلەر جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق بويىچىمۇ تەربىيلەش كۇرسلىرىنى ئاچقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارغا مىيۇندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇل مەھمەت گۈناي ۋە 250 ئەتراپىدا مېھمان قاتناشتى.

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن، ئىپتاردىن كېيىن ئۇ يەردىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر