چاۋۇشئوغلۇ گىۋاتېمالا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە بارغان گىۋاتېمالادا پىرېزىدېنت جىممي مورالېس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1205079
چاۋۇشئوغلۇ گىۋاتېمالا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئوتتۇرا ئامېرىكا ماسلاشتۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سىياسىي مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گىۋاتېمالاغا بارغان چاۋۇشئوغلۇ، پىرېزىدېنت مورالېس بىلەن كۆرۈشتى.

پايتەخت گىۋاتېمالادىكى مىللىي مەدەنىيەت سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا گىۋاتېمالا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساندرا جوۋېل ۋە تۈركىيەنىڭ گىۋاتېمالادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈلەيمان گۆكچەمۇ ئىشىتراك قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ گىۋاتېمالادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى بىناسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن گىۋاتېمالا ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئېچىلغان ئەلچىخانا دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، «گىۋاتېمالا، تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت گۈللەنمەكتە. سودا ۋە مەدەنىيەتكە ئوخشاش بارلىق ساھەلەردە مۇناسىۋەتلىرىمىز گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېقىندا ئۇرۇگۋايدىمۇ ئەلچىخانا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيە پەقەت مىنىستىرلىقىمىزغا قاراشلىق ئورۇنلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكاغا ئوخشاش ئورگانلىرىمىز بىلەنمۇ پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىدە ناھايىتى ئاكتىپ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر