تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستانبۇل سايلاملىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئالاقىدار باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1198147
تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئىستانبۇل سايلاملىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئالاقىدار قارار ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئالىي سايلام كومىتېتى  تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارارغا ھەممە تەرەپ ھۆرمەت قىلىشى لازىم. بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ دېموكراتىك قانۇن – تۈزۈملەرگە ئاساسەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئەركىن ۋە دېموكراتىك سايلاملار تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسىنىڭ ۋاز كېچىلمەس بىر قىسمىدۇر. ھەر قېتىم سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بولۇشى، خەلقىمىزنىڭ دېموكراتىيەگە بولغان ساداقىتى ۋە سايلام سىستېمىسىغا قارىتا ئىشەنچىسىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە.»

ئىستانبۇلدا سايلاملارنىڭ يېڭىلىنىش قارارىنىڭ 2019 – يىلى 31 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى نەتىجىسىدە چىقىرىلغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ سايلام نەتىجىلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سايلاملارنى باشقۇرۇش ۋە كۆزىتىش ھوقۇقى ئاساسىي قانۇنىمىزغا ئاساسلىنىدىغان ۋە ئەزالىرى ئالىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەنسۇپلىرى بولغان ئالىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارارغا ھەممە تەرەپ ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇ سايلامدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بۇرۇن قانداق ھەل قىلغان بولسا، 23 ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان  سايلاملار ئارقىلىق شۇنداق ھەل قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر