ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ خاتايدا...

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران بىلەن بىرلىكتە خاتايغا باردى.

1196651
ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ خاتايدا...
stoltenberg hatay1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئەنقەرەدىن خاتاي ئايرودۇرۇمىغا بارغان يېنس ستولتېنبېرگ، قىران ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئۇ يەردىن كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ۋىلايەتلىك جىددىي ئەھۋال ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىغا باردى.

ئۇ يەردە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلات بىلەن بىرلىكتە «تۈركىيەنىڭ نەزىرىدە رايونلۇق تەھدىتلەر» تېمىسى ئاستىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى ئابدۇللاھ ئاياز ئىشتىراكچىلارغا، تۈركىيەنىڭ قالايمىقان كۆچمەنلىككە قارشى كۈرىشى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى زەيتۇن شېخى ۋە فىراق قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىنىڭ پ ك ك / پ ي د / ي پ گ تېررورچىلىرىدىن تازىلىنىشىدىن كېيىن رايونغا 320 مىڭ ئادەمنىڭ قايتقانلىقى ۋە رايوندىكى ئۈستقۇرۇلما خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ناتوغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان يېپىق يىغىن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر