ئىسرائىلىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە  ئارمىيەسى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىنانى بومباردىمان قىلدى.

1195056
ئىسرائىلىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىسرائىلىيە  ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى بۇ ھۇجۇمغا قارىماي،  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدەىكى ۋە پەلەستىننىڭ باشقا جايلىرىدىكى  زۇلمى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پۈتكۈل جاھانغا ئاڭلىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر