ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1192155
ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان-ترامپ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي ھەجىمىنى 75 مىليارد دوللارغا چىقىرىش قايتىدىن كۈنتەرتىپكە قويۇلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنغاندىن باشقا، تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە بۇنىڭدىكى يېقىن ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىنى كۈنتەرتىپكە قويدى.

ئۇ سانتىياگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ترامپ ھەمدە ئامېرىكا خەلقىگە سەۋر تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر