«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە

«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 99 - يىللىقى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

1188355
«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنىڭ تۇنجى ئادرېسى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى ئىدى.

مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى زىيا سەلچۇق باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ بۈگۈن مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى زىيا سەلچۇق ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنى قوبۇل قىلىدۇ، ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى يىغىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە، ت ر ت «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقى ۋە «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

پارلامېنت باشلىقى شەنتوپ باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پەقەت ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى توقۇنۇشنىڭ باھانىسى ئەمەس، ئەكسىچە، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق مەنبەسى دەپ قارىغاندىلا، ئاندىن تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يېتەلەيدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.»

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 99 يىل مۇقەددەم بۈگۈنكى كۈندە، ئەزىز خەلقىمىز ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا ئېلان قىلغانىدى. بۇ ئارقىلىق 23 – ئاپرېل كۈنىنى، مىللىي بايلىقىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ شان – شەرەپلىك خاتىرە كۈنلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە مەدەنىيەت تارىخى سەھىپىلىرىدىن  مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدۇرغانىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر