تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى يەمەن خەلقىگە قىلدى

تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى يەمەندىكى مۇساپىرلارغا 2400 يېشىك يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى.

1187337
تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى يەمەن خەلقىگە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى يەمەننىڭ مارىب ۋە ئۇبيە شەھەرلىرىدىكى مۇساپىرلارغا 2400 يېشىك يېمەك-ئىچمەك ياردەم قىلدى.

تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ يەمەندىكى ۋەكىلى مۇھەممەد ئەل ھاممادى، تۈرك قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ يەمەندىكى مۇساپىرلارغا يېمەك-ئىچمەك تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

يەمەندىكى قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى ھەيئىتى باشلىقى مۇستافا ئايدىن، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى 11مىڭ يېشىك يېمەك-ئىچمەكنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ  مارىب شەھىرىدىن باشلىغانلىقىنى، يەمەنلىكلەرگە تەخمىنەن 440 توننىلىق ياردەم بۇيۇمىنىڭ 30-ئاپرېلغىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ  ۋاستىسى ئارقىلىق يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىر ۋە نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە،شىئە ھۇسىي كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى توقۇنۇشماقتا.

شىئە ھۇسىي كۈچلىرى 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا قاتارلىق بەزى جايلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان شىئە ھۇسىي كۈچلىرىگە قارشى ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەن ئاچارچىلىق، خولېرا، توقۇنۇش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان  ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيەگە سەھنە بولماقتا ۋە بۇ تىراگېدىيەنىڭ بەدىلىنى بىگۇناھ خەلقلا تۆلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر