ئەنقەرەدە تۈركىيە-پولشا-رۇمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناتونىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» لەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1186690
ئەنقەرەدە تۈركىيە-پولشا-رۇمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناتونىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» لەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەر دائىم سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىىنستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈركىيە-پولشا-رۇمېنىيە ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ «S-400» سىستېمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «ئامېرىكاغاF-35  ۋە S-400 لەر ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدۇق. ئۆتكەنكى كۈنلەردىكى ۋاشىنگتون زىيارىتىدىمۇ بۇنى يەنە تەكلىپ قىلدۇق. كېلىڭلار ئورتاق كومىتېت قۇرۇلسۇن، ناتومۇ بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە بولسۇن ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپسۇن، گەپنى ئۇلار قىلسۇن، دېدۇق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ «S-400» ئۈستىدە توختالغاندا، «F-35 سىستېمىسىغا كىرىپ، تېخنولوگىيەسىنى ئوغرىلىيالايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى قاراشلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ قاراشلارنى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايمىز. ئاخىرقى گەپنى ئەڭ ياخشىسى مۇتەخەسسىسلەر قىلسۇن. بىز باشتىلا S-400 سىستېمىسىنىڭ پىروگراممىلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدا بولۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدۇق. بۈگۈن سۈرىيەدە S-400 لەر بار. ئىسىرائىلىيەنىڭ F-35 لىرى سۈرىيە ئاسمىنىدىن بىر قانچە قېتىم ئۇچۇپ ئۆتتى. ئەگەر بۇ قاراش توغرا بولسا، ئاللىبۇرۇن F-35 لەرنىڭ سىستېمىسىغا كىرىپ بولدى دېگەن گەپ. يەنە نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدا رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىمۇ S-400 لەر بار. نورۋېگىيەنىڭ F-35 لىرى ئۇ جايغا يېقىن يەردە ئۇچىدۇ. شۇڭا، تۈركىيەدە S-400 بولسا  F-35 لەرنىڭ سىستېمىسىغا كىرىدۇ، دېگەن قاراش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.»

ئۇ ناتونىڭ تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە ئامېرىكادىن ئىجابىي جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى  ئەسكەرتىپ: «ناتونىڭ ئەندىشەلىرىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. تۈركىيەنىڭ نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ئېيتىش توغرا ئەمەس. بىز ھەر قاچان سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ناتو، بىزنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ بۈگۈنكى (19-ئاپرېل) تۈركىيە-پولشا-رۇمېنىيە ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «ھەممىمىز ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوتتۇرىمىزدىكى ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ناتونىڭ ئىتتىپاقنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر