تۈركىيە گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پورتۇگالىيەنىڭ مادېيرا ئارىلىدا 29 گېرمان ساياھەتچىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى پورتۇگالىيە بىلەن گېرمانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1186800
تۈركىيە گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «پورتۇگالىيەنىڭ مادېيرا ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن قاتناش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا گېرمانىيە پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ۋە يارىلانغانلارنىڭمۇ بارلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالا خەۋەر تاپتۇق. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، پورتۇگالىيە ۋە گېرمانىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ كونتىروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى نەتىجىسىدە يولدىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن، قازادا 11 ى ئەر، 18 سى ئايال بولۇپ، 29 گېرمان ساياھەتچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، پورتۇگالىيەلىك ئاپتوبۇس شوپۇرى بىلەن ساياھەت يېتەكچىسى يېنىك يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر