تۈركىيە شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.
1182188
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستىھكام، ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.