ئەردوغان سايلام نەتىجىسىگە قاراش يىغىنى چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەرلىك سايلام نەتىجىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى چاقىردى.
1176726
ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى ئۈسكۈدار قىسىقلى رايونىغا جايلاشقان دولماباھچە سارىيىدا چاقىرىلغان يىغىنغا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى نامزاتى بىنالى يىلدىرىم، بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە ئاق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.
يىغىندا 31 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.