ھامى ئاقسوي: ھېچبىر دۆلەتنىڭ سايلام نەتىجىرىلىمىزگە ئارىلىشىۋىلىش ھوقۇقى يوق

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ھېچبىر دۆلەتنىڭ يەنە باشقا بىر دۆلەتنىڭ سايلام نەتىجىلىرىگە ئارىلىشىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1176201
ھامى ئاقسوي: ھېچبىر دۆلەتنىڭ سايلام نەتىجىرىلىمىزگە ئارىلىشىۋىلىش ھوقۇقى يوق

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روبېرت پاللادىنونىڭ تۈركىيەدە 31مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلام ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئالاقدار سوئاللارغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، 31مارتتىكى يەرلىك سايلاملارنىڭمۇ دىموكراتىك، ئوچۇق يورۇق بىر مۇھىتتا، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «سايلىغۇچىلانىڭ ئىرادىسىنىڭ سايلام نەتىجىلىرىدە تولۇق ئىپادىسىنى تېپىشى ئاساستۇر ۋە بۇ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قانۇنلۇق شۇنداقلا دېموكراتىك كۈرەشكە ھەممەيلەن ھۆرمەت قىلىشى لازىم» دېدى.

ھامى ئاقسوي مۇنداق دېدى:

«سايلامنىڭ قانۇنلۇق ئاساسى خەلقنىڭ ئىرادىسىدۇر. بۇ ئىرادىنىڭ ساندۇقتا قانداق ئۆزىنى نامايان قىلغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان، ئېتىراز باسقۇچلىرىغا قاراپ چىقىدىغان ۋە نەتىجىلەندۈرىدىغان ئورگان سايلام ئالىي كېڭىشىدۇر. ھېچبىر دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە دېموكراتىيەدىن ئۇزاقلاشقان بىر شەكىلدە باشقا بىر دۆلەتنىڭ سايلام نەتىجىلرىگە ئارلىشىۋىش ۋە ئۆزلىرىنى نەتىجىلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنبەسى يېرىگە قويۇۋىلىش ھوقۇقى يوق. دېموكراتىيەگە زىت پوزىتسىيە ۋە ئادەتلىرىڭلار ھەرگىزمۇ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەدە كامالەتكە يەتكەن ئوبرازىسىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. تۈركىيە خەلقى 31مارت يەرلىك سايلامدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك قاتنىشىش نىسبىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيەگە نەقەدەر باغلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. تۈرك خەلقىنىڭ مۇقىملىق ۋە ۋە خاتىرجەملىكىنى تاللىغانلىقىمۇ ساندوقتىن چىققان نەتىجىلەر بىلەن ئىسپانلاندى»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر