« دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزدۇق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1174270
« دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 31-مارت يەرلىك سايلاملارنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا تاماملىغانلىقىنى ئېيتىپ: سايلام نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ بۇرۇنقى سايلاملاردىكىگە ئوخشاش زور ئۇتۇققا ئېرىشتى، دېدى.

جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ قېتىمقى سايلامدا بىرىنچى بولۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئۇتۇپ چىققان ۋە ئۇتتۇرۇپ قويغان نامزاتلىرىمىز بار، بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئىرادىسىدۇر، بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.»

مىللەت ئىرادىسىنىڭ ساندۇققا ئەكس ئەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تۈركىيەگە، مىللەتكە، شەھەرلەرگە ۋە مەھەللىلەرگە خەيىرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2023-يىلغىچە تۈركىيەدە سايلام بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى غەلبىلىك تاماملاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر