ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلدى.

1165806
ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چرىسچورچ شەھىرىدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەم يېقىن – يورۇقلىرىلىرىنى يوقلاپ يېڭى زېلاندىيەغا بارغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، تەزىيە جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون ئارقىلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خىتاب قىلدى، ھەمدە شېھىت ئائىلىلىرىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغىلا قىلغان ھۇجۇمى بولماستىن، ئەكسىچە تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر. دەرۋەقە، بۇنىڭ شۇنداقلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.»

تۈركىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ، ئىككى جامەنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ تۈركىيە قاتارلىق رايوندىكى 66 دۆلەتنى ئايلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى زېلاندىيە غەرب ئەللىرىگە ئوخشاش بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىقى لازىم، بۇنىڭ نازۇك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، تېگى – تەكتىدىن ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك. بۇ پىكرىمنى يېڭى زېلاندىيە ۋالىيسى پاتسى رېدى بىلەنمۇ ئورتاقلاشتىم، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان ۋە بۇ ھۇجۇملاردا  ناھايىتى كۆپ خەلقى شېھىت بولۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورتاق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم.»

يېڭى زېلاندىيە ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرردائىم قېرىنداش  ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رايوندا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زىيارەتتە بولۇپ، شېھىت ئائىلىلىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېيىن شېھىتلارغا دۇئا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر