شىرناكتا 7 تېررورچى تەسلىم بولدى
شىرناكنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 2 ئايال 5 ئەر، جەمئىي 7 ئەزاسى تەسلىم بولدى.
1163559
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاگېرلىرىدىن قېچىپ سىلوپى ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزىغا كەلگەن 7 تېررورچى ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا تەسلىم بولدى.
تېررورچىلار نازارەتكە ئېلىندى. ساقچى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.