بېلگىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى. بېلگىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  مايكېل مالخېربنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، ئەنقەرەنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

1161276
بېلگىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  مايكېل مالخېرب، دۆلىتىدە قوبۇل قىلىنغان «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ سوتلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان» قارار مۇناسىۋىتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان قىلغانىدى.

باياناتتا، بېلگىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ (8- مارتتا)، بېلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پ ك ك بىلەن چېتىشلىق 36 كىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

باياناتتا، «بېلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بارلىق پاكىتلىرىغا قارىماي چىقىرىلغان بۇ قارار، نۆۋەتتىكى شەكلى بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ناھايىتى خەتەرلىك سۇيىئىستېمال ساھەسى ئېچىپ بەرمەكتە. بۇ قارارغا قارشى بېلگىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش ئىمكانىيىتى يوقتۇر. تۈركىيە قانۇن كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلگەنىدى.

باياناتتا يەنە، «ئىتتىپاقدىشىمىز بېلگىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشىنى ۋە پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر