ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدىن نېمە ئۈچۈن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل سىياسىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1160289
ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدىن نېمە ئۈچۈن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ "س-400"تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىدىن ئەمەس، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىيارباكىر سەيرانتەپە تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە 5-نۆۋەتلىك ياشلار ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيە قۇدرەت تاپقانسېرى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدىن بىئارام بولىۋاتقانلار، ھېلىھەم كونا كېمىسىنى ھەيدەشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ رۇسىيەدىن س-400 تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىمىزغا تۇتقان پوزىتسىيەسى دەل مۇشۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى نېمە ئۈچۈن ئالغانلىقى، قايسى شەرتلەردە سېتىۋالغانلىقى ۋە نېمە مەقسەتتە ئىشلىتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، بۇ مەسىلىنىڭ نە ناتو بىلەن، نە ف-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساش لايىھەسى بىلەن، نە ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزگە بۇنداق تەڭسىز مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلە قانداقتۇر س-400 تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئۆز ئالدىغان مۇستەقىل ئىش تۇتۇپ كېلىشىدۇر."

تۈركىيەنىڭ بۇ يولدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: س-400 تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىمىزدىن بۇنچىۋېلا بىئارام بولغۇچىلارنىڭ، تېخى يېقىن ئۆتمۈشتە زېمىنىمىزغا تېررورچىلارنىڭ راكىتامىيوتلىرى، بومبىلىرى ئېتىلغاندا سىسېتمىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق، بىز ئۆتمۈشتە نۇرغۇن مەسىلىگە ئوخشاش بۇ مەسىلىنىڭمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر