تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى قارادېڭىزدا قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە قارادېڭىز فىلوتى قارادېڭىزدا قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

1159652
تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى قارادېڭىزدا قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ قارادېڭىز قىسىملىرى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئالېكسېي رۇليېۋ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «نوۋوروسسىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى ئىككى پاراخوتنىڭ كاپىتانى، چارلىغۇچى پاراخوت  «ۋاسىلىي بىكوۋ> ۋە مىنا تازىلاش پاراخوتى <ۋالېنتىن پىكۇل>، تۈركىيەنىڭ  قوغدىغۇچى  پاراخوتى <بۇرگاز> ۋە مىنا تازىلاش پاراخوتى <ئاقچاي> نىڭ كاپىتانى بىلەن قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.»

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كاپىتانىنىڭ قارادېڭىزدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن رۇليېۋ، پاراخوتلارنىڭ مىنا تەھلىكىسى بولۇش ئېھتىماللىقى بار رايوندىن بىخەتەر چىقىش مانىۋېرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتلار، 6 – 8 – مارت كۈنلىرى تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قارادېڭىز، ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا ئورتاق ئۆتكۈزگەن «2019 – يىللىق كۆك ۋەتەن ھەربىي مانىۋېرى» دائىرىسىدە نوۋوروسسىكى  پورتىغا يېتىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر