تۈركىيە ئافغانىستانلىق يوقسۇللارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان مىڭ ئائىلىگە ياردەم قىلدى.

1158820
تۈركىيە ئافغانىستانلىق يوقسۇللارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكانىڭ مەزارى شەرىف ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، تاخار ۋىلايىتىنىڭ دەشتى قەلئە ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى تۈپەيلى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، سوغۇق قىشنى ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان مىڭ موھتاج ئائىلىگە ئاشلىق ۋە يوتقان – كۆرپە ياردىمى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياردەم ساندۇقلىرىنىڭ گۈرۈچ، ئۇن، سۇ مېيى، يېشىل چاي، شىكەر، پەمىدۇر كونسېرۋاسى ۋە يوتقان – كۆرپىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، تىكانىڭ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئىگە – چاقىسىز، قىيىن شارائىت ئاستىدا تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، نېنى ئورتاقلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر