چاۋۇشئوغلۇ قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىسلام ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قۇددۇسقا يېتەرلىك دەرىجىدە ساھىب چىقمىغان ئىسلام دۆلەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1156762
چاۋۇشئوغلۇ قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىسلام ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ خاتايدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، قۇددۇس داۋاسىغا ھەممىدىن بەكرەك ساھىب چىققان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەدىن تەپ تارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەتتا پەلەستىنلىكلەرگىمۇ <سىلەرمۇ ئارتۇقچە ھەرىكەت قىلماڭلار> دەپ بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بار. ئىسلام دۆلەتلىرى بۇنداق كېتىۋەرسە قانداقمۇ قۇددۇس داۋاسىغا ساھىب چىقالايدۇ؟ ئۆتۈپ كەتكەن 2 يىل ئىچىدە ھەم ئىسلام ئەللىرى ئارا باشلىقلار يىغىنلىرىدا، ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇھىم قارارلار چىقىرىلغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. نۆۋەتتە بۇلار مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس، ئەمما بىز مۇستەقىل بىر دۆلەتمىز. جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ قارارلىرىمىزنى ئۆزىمىز چىقىرىۋاتىمىز.»

دۇنيادا تۇنجى قېتىم ناھايىتى يۈكسەك سەۋىيەدە بىر گەۋدىلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ سانىنىڭ تېزلىك بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 242 ۋاكالەتخىنىمىز بار بولۇپ، ھەممىلا جايلا بايرىقىمىز لەرزان لەپىلدىمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتخانىلىرىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، دۇنيا بويىچە بەشىنچى رەتكە چىقاردۇق. جۈملىدىن، بىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان ۋە ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەت بولدۇق.  بۇ نۇقتىدا، بىز رەقەم جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىمىز. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «مىللىي كىرىمگە ئاساسەن بىرىنچىمىز، رەقەمگە ئاساسەن ئىككىنچىمىز» دەيتتۇق، مانا ئەمدى رەقەمدىمۇ بىرىنچىمىز.»

سۆزىدە، سۈرىيە كىرىزىسىنى  ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خۇدايىم بۇيرىسا، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تېررورچىلارنىمۇ چوقۇم تازىلايمىز، تەلتۆكۈس يوقىتىمىز، چۈنكى بۇنىڭدىن باشقا چارە يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر