تۈركىيە مىسىر خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ رەمسىس رايونىغا جايلاشقان پويىز ئىستانسىسىدا  مەيدانغا كەلگەن قازا ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن مىسىر خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1154416
تۈركىيە مىسىر خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ تۈنۈگۈن قاھىرەنىڭ مەركىزىدىكى رەمسىس رايونىغا  جشق پويىز ئىستانسىسىدا  مەيدانغا كەلگەن قازا ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، مىسىر خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

مىسىر سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ھالە زايىد، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەدە 20 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 43 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

مىسىر قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرى ھىشام ئەرەفات بولسا، ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر