تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ يېڭى باشلىقى سايلاندى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ يېڭى باشلىقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەكىرداغ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ بولدى.

1151447
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ يېڭى باشلىقى سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە يېپىق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت باشلىقى سايلىمىنىڭ دەسلەپكى ئىككى باسقۇچىدا، ھېچبىر پارلامېنت باشلىقى نامزاتى شەرت قىلىنغان 400 ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى. سايلامنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىدا، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قانۇنشۇناس پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ 336 ئاۋازغا ئېرىشپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك باشلىقلىقىغا سايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر