خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناخان بىلەن كۆرۈشتى.

1150979
خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
akar-shanahan1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان مۇزكىرىلەرگە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جۇسېف دانفوردنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

خۇلۇسى ئاقار بىلەن شاناخان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا، مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق، سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قىلىۋاتقان ياردەملىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

خۇلۇسى ئاقار ئۇچرىشىشتا سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ قوغدىلىشىغا دائىر ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختلىپ، تۈركىيەنىڭ پ ك ك، ي پ گ، پ ي د، دائېش ۋە فوتھۇللاھچىلار قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلىدى. 

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك بارلىقىنى، ئافغانىستان، كوسوۋا، ئىراق ۋە ناتونىڭ دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرى قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقلىرىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى تەكرارلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر