چاۋۇشئوغلۇ: ب د ت نىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرى تۈركىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىگە ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ قولىدىكى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن  ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1141805
چاۋۇشئوغلۇ: ب د ت نىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرى تۈركىيەنىڭكى بىلەن ئوخشاش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىسىنىڭ 5 – 6 كىشىلىك مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە  ئۇچۇر توپلاش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، ھەيئەتنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئارقىدىن ئەدىلىيە مەنىستىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەيئەت ئىستانبۇلدا جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرۇلۇق تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرشتى، بىز جامال قاشىقچى جىنايىتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەن دەلىل – ئىسپاتلارنى ھەيئەت بىلەن ئورتاقلاشتۇق. ھەيئەتنىڭ نىشانى رەسمىي  دەلىل - ئىسپات ئەمەس، ئەكسىچە ئۇچۇر توپلاش ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ جىنايەتنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇشى ياكى بۇ جىنايەتنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈشى كېرەك.»

تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بەزى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەشكە باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «چۈنكى ھازىرغىچە جاۋابى تېپىلمىغان سوئاللار بار، جامال قاشىقچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا ئالدى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئارقىدىن جەسىتىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپمۇ ئىقرار قىلدى، ئەمما جەسەتنىڭ نەدىلىكىنى، جەسەت پارچىلىرىنىڭ قەيەردىلىكىنى تېخىچە بىلمەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، جىنايەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىملەر بار؟ يوليورۇق چۈشۈرگەن زادى كىم؟ بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپتىن  تېخىچە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلىگىنىمىز يوق.»

تۈركىيەنىڭ قولىدىكى مەلۇماتلار ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنى پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقنىدەك، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەنمۇ ئورتاقلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپتىن تېخىچە بۇ ھەقتە ياكى تەكشۈرۈش توغرۇلۇق بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلىگىنىمىز يوق. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىسىنىڭ تۈركىيەدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى بىلەن بىز قولغا چۈشۈرگەن دەلىل – ئىسپاتلار ئاساسىي جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر.»

جامال قاشىقچى 2018 – يىلى ئۆيلىنىشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلىرنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر