تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، جۈمە كۈنى بىر كېرەكسىز سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1133822
تۈركىيە بىرازىلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيەنىڭ برۇمادىنخو بازىرىدىكى بىر سو ئامبىرى توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە يوقاپ كېتىشىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا، «قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە، بىرازىلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بىرازىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كان قالدۇقلىرى ئېقىلىتىدىغان سۇ ئامبىرى تۈنۈگۈن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 40 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغان، 300 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر