مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قويۇق تېلېفون ئۇچرىشىشلىرىدا بولدى
تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كۈنتەرتىپى قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار بىلەن داۋاملاشماقتا.
1133453
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالاقىدار مەسئۇللار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
چاۋۇشئوغلۇ دەسلەپتە ياۋرپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇغرىنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئاندىن ئىرانلىق مەنسەپدىشى جەۋاد زارىف بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
دىپلوماتىك مەنبەلەر تېلېفون سۆھبەتلىرىدە سۈرىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.