ئوكتاي: تۈركىيە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
1130042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «چېگرا رايونلىرىمىزدا ئوتتۇرىغا چىققۇسى تېررورىزم پاتقاقلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە ئالدى بىلەن <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەت، ئارقىدىن <زەيتۇن شېخى>» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورىزمغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىمىزنى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىراىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدۇق. <ئافرىن ھەرىكىتى> نىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق قەھرىمەن شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، غازىلىرىمىزغا تەن سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.»