ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا تۈركىيەگە 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش تەكلىپى سۇنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە 2 – قېتىم ھەيئەت ئەۋەتتى.

1126371
ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەيئىتىنىڭ، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا پۈتۈن كۈن ئۇچرىشىشلاردا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ 3يانۋار(پەيشەنبە) دىكى ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىش تەكلىپى تېخنىكىلىق ھەيئەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، مۇۋاپىق كىرېدىت (قەرز)، تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ۋە ئورتاق ئىشلەپچقىرىش قاتارلىق تەلەپلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھەيئەتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى ئەتە (16-يانۋار) مۇ داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن، قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى جەمئىي 140 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ تۈركىيەگە سېتىپ بېرىلىشىنى 19دېكابىردا تەستىقلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر