ئىران:«ئامېرىكا ۋە بەزى دۆلەتلەر ئىران-ئىراق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشنىڭ كويىدا»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكا ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىران-ئىراق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1125075
ئىران:«ئامېرىكا ۋە بەزى دۆلەتلەر ئىران-ئىراق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشنىڭ كويىدا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىران-ئىراق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جەۋاد زارىف تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان ئىراق زىيارىتى توغرۇلۇق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

باغداد، سۇلايمانىيە ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىسادقا دائىر يىغىنلارغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە ئەربىل شەھىرىدە ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان زارىف ئىراق-ئىران مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئىراقنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان زارىف: ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يولغا قويۇپ كېلىشىنىڭ ئەكسىچە، ئىراق مەسئۇللىرى ئىرانغا بۇرۇنقىدەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئىراقنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك، دېدى.

ئامېرىكانى «ئۇتتۇرۇپ قويغان ئات»قا ئوخشاتقان ۋە رايون دۆلەتلىرىگە بولسا «ئۇتتۇرۇپ قويغان ئاتقا پۇل تىكمەسلىك»نى تەۋسىيە  قىلغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف مۇنۇلارنى دېدى: «دائېش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا بولۇپ بەزى دۆلەتلەر ئىراق بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشنىڭ كويىدا يۈرۈپ كەلدى، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ ھوشيار تۇرۇپ تەدبىر ئېلىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ پىلانى بىتچىت بولدى، ئامېرىكانىڭ 40 يىلدىن بۇيان ئىرانغا قارىتىپ كەلگەن بېسىم سىياسىتى مەغلۇب بولدى.»

جەۋاد زارىف يەنە ئىراقتىكى ئىران شىركەتلىرىنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر