ئامېرىكا ھەيئىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىبراھىم كالىن بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاقتان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ ئۇچرىشىشى ئاخىرىلاشتى.

1121423
ئامېرىكا ھەيئىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىبراھىم كالىن بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش 2 سائەت 10 مىنۇت داۋاملاشتى.

ئىبراھىن كالىننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتىگە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۇنال، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۈنۈس ئەمرە قارائوسمانوغلۇ، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى جەمالىتتىن چەلىك ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇللارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

جون بولتوننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئامېرىكا ھەيئىتىدە بولسا، ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دانفورد، يەر شارى ھەمكارلىق ئالاھىدە ۋەكىلى جامېس جېفرېي ۋە باشقا ئامېرىكا مەسئۇللىرى ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرمۇ مەنسەپدىشى جوسېف دانفورد بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بولسا، بولتون، جامېس چېفرېي ۋە جوسېف دانفوردتىن تەشكىل تاشقان ھەيئەتنىڭ زىيارىتىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىدۇ.

ئامېرىكا ھەيئىتى سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىغا ئالاقىدار باسقۇچلار ۋە ئاساسلار ھەققىدە تۈركىيەگە مەلۇمات بېرىدۇ.

بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا بېرىلگەن قوراللارنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئالاقىدار كۈتكەنلىرى ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنىدىغان جايلارنىڭ كېيىنكى ۋەزىيىتىگە دائىر سەزگۈر مەسلىلەر ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

ئۇچرىشىشتا تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشمۇ كۈنتەرتىپتە بولىدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر