چاۋۇشئوغلۇ:«تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدە تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ»

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا زىيارەتتە بولىۋاتقان چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا ھېچكىمم توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1111824
چاۋۇشئوغلۇ:«تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدە تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنى يوق قىلىش ۋە بۇ جاينى تېررورچىلاردىن تەلتۆكۈس تازىلىشىغا ھېچكىمنىڭ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پايتەخت ترابلۇسقا يېتىپ كەلدى، ترابلۇس زىيارىتىدە لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد تاھىر سىيالا بىلەن كۆرۈشتى، ئارقىدىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىنىستىر  چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك نىڭ بەزى ۋەكىللىرىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ئەگەر بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ي پ گ ۋە پ ك ك نى قوغداش بولىدىغان بولسا بەزىلەر شۇنى قەتئىي ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىسۇن: فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق 4000دىن ئارتۇق دائېشچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان بولساق، ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىگە ھېچكىم توسالغۇ بولالمىغان بولسا، ئافرىن تاغلىرىدا تېررورچىلارنى ئۆزلىرىگە كولىغان خەندەكلەرگە قانداق كۆمۈۋەتكەن بولساق، فىراتنىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزغىمۇ ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر