ئاقار: تېررورچىلار ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلەرگە كۆمۈلىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىنى ئىشغال قىلىپ ئۆڭكۈر ۋە تونېللارنى كولىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلەرگە كۆمۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1110470
ئاقار: تېررورچىلار ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلەرگە كۆمۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، قاتار دۆلەت بايرىمى مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى قاتار – تۈركىيە بىرلەشمە قىسىملىرى قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئەسكەرلەرگە سالام بەرگەندىن كېيىن  سۆز قىلىپ، 2017 – يىلى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ، بۇ يىل بولسا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«نۆۋەتتە ئالدىمىزدا مۇنبىچ ۋە فىراتنىڭ شەرق تەرىپى بار» دېگەن ئاقار، «نۆۋەتتە مۇنبىچتا، فىراتنىڭ شەرقىدە بەزى ئازگاللارنىڭ، تونېللارنىڭ كولانغانلىقى دېيىلىۋاتىدۇ. مەيلى ئازگال، مەيلى تونېل كولىسۇن، خالىسا يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتسۇن، ۋاقتى – سائىتى كەلگىنىدە بۇلار ئۆزلىرى كولىغان ئورەكلەرگە كۆمۈلىدۇ. ھېچكىم بۇنىڭدىن شۇبھىلەنمىسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك  تېررورچىلىرى توغرىسىدىمۇ  توختالغان مىنىستىر ئاقار، «بۇ دائىرىدە ھەم سىنجار ھەم قاراجاق تېغىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ يەردە ھەرقانداق شەكىلدە پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك مەسىلىسى يەنە كۈنتەرتىپتە ئىدى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. كۆپلەپ شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىرمۇ پۇقراغا، بىگۇناھ ئىنسانغا زىيان يەتكۈزمەستىن تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.

ئۇ، سىنجارنىڭ تېررورچىلار ئۇۋا سالغان ئىككىنچى بىر قاندىل بولۇپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «بۇ يەردە دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىشىمىز قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن بولمايدۇ» دېدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ، ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى، تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر