چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1110594
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش قارارى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.   

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇنىڭدىن بىرقانچە سائەت ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، « سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، دائېشنى يېڭىش ئىدى، بۇ نىشانىمىزغا يەتتۇق» دېگەنىدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەقتە، « سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، دائېشنى يېڭىش ئىدى، بۇ نىشانىمىزغا يەتتۇق» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى دائېش ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشنى يەڭدى. دەرۋەقە، بۇ غەلىبە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن قايتىشقا باشلىغانلىقىنى، بىراق، يەرلىك كۈچلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى دىپلوماتلىرىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە، ھەربىي خادىملىرىنىڭ بولسا 2 – 3 ئاي ئىچىدە سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2011 – يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سۈرىيەگە دەسلەپكى قەدەمدىكى قىسىملىرىنى 2015 – يىلى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر