ئاكار:«ئامېرىكا ۋەدىسىدە تۇرمىسا بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىمىز»

مۇداپىئە مىنسىتىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكانىڭ مۇنبىچ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1109050
ئاكار:«ئامېرىكا ۋەدىسىدە تۇرمىسا بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ نى سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغان تەقدىردە، تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) ئومۇمىي كېڭىشىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي راسخوتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

سۆزىدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمەتلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ئاكار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەتەن زېمىنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق تەھدىت ۋە خەتەلەرگە قارشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھارماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇنبىچقا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالغان ئاكار: مەقسىتىمىز پ ك ك –ي پ گ تېررورچىلىرىنى مۇنبىچتىن قوغلاپ چىقىرىش، ئېغىر تىپلىق قوراللارنى يىغىۋېلىش، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان گۇرۇھلارنى مۇنبىچتىن تازىلاپ رايوندا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىش، ھاكىمىيەتنى مۇنبىچلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، دېدى.

ئامېرىكانىڭ  پ ك ك- ي پ گ تېررورچىلىرىنى مۇنبىچتىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، لېكىن تېررورچىلارنىڭ مۇنبىچتە خەندەك كولاپ بازىلار تەسىس قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاكار مۇنداق دېدى: «بىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، ناۋادا بىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەر ئىشقا ئاشمىسا ۋاقتى كەلگەندە بۇ يەردىكى تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە چۈشۈرىمىز.»

ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا پ ك ك نىڭ بازا قۇرغانلىقىنى، لېكىن سىنجارنىڭ كاندىلغا ئوخشاش تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر