تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى.

1107404
تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن كۈنلەردە ۋېنېزۇئېلادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۈملىدىن، تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى تۈرلۈك ساھەلەردە بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، پاراگۇاي ۋە ۋېنېزۇئېلادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ، تۈركىيەدىن بۇ ئىككى دۆلەتكە قىلىنغان جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدىكى تۇنجى زىيارەت ئىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىستىراتېگىيە قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى ۋېنېزۇئېلانى زىيارەت قىلدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەردوغاننىڭ كاراكاس زىيارىتىنى جاسارەت بىلەن تاشلانغان ناھايىتى چوڭ قەدەم دېيىشكە بولىدۇ.

ۋېنېزۇئېلا لاتىن ئامېرىكا ۋە كارايىپ رايونىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۇنجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا 1950 – يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. جۇغراپىيەلىك جەھەتتىكى يىراقلىق ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللار ئۆزلىرىنىڭ رايونلىرىغىلا كۆڭۈل بۆلۈشى سەۋەبىدىن، ئۇزۇن مۇددەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر چەكلىك دائىرىدە قالدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى زىيارەتلەر ئارقىلىق يېپيېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.

2016 – يىلى 19 – ئاۋغۇست كۈنى ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېلى رودرىگۇئېز، 2016 – يىلى 17 – 18 – سېنتەبىر كۈنلىرى ۋېنېزۇئېلانىڭ مارگارىتا ئارىلىدا چاقىرىلغان 17 – نۆۋەتلىك ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن، ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان مەكتۇبىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتناشتى.

ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو 2016 – يىلى 9 – 13 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 23 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2017 – يىلى 10 – سېنتەبىر كۈنى ئاستانادا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بىلىم ۋە تېخنولوگىيە يىغىنى جەريانىدا ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى. ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو 2017 – يىلى 5 – 6 ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەدە تۇنجى رەسمىي زىيارەتتە بولدى. زىيارەت دائىرىسىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىكىدە ئورتاق ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى. ۋېنېزۇئېلا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا، قوشما ئىقتىسادىي كومىتېتنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزىدىغان سودا – ئىقتىساد كېلىشىمى، بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئاۋىياتسىيە قاتنىشى كېلىشىمى، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى، ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە ۋېنېزۇئېلا ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. مادۇرو 2018 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن چاغدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق باياناتلار ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيى ئىچىدە 1 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى تەخمىنەن 91 مىليون دوللارغا، ۋېنېزۇئېلانىڭ تۈركىيەگە قىلغان ئېكسپورت مىقدارى بولسا 984 مىليون دوللارغا يەتكەن. گەرچە  ۋېنېزۇئېلاغا قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارى تۈركىيەنىڭ  سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 5 يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئومۇمىي سودا سوممىسىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا. ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك كانچىلىق ئىشلىرى شىركەتلىرى بىلەن كىچىك تىپتىكى كانچىلىق شىركەتلىرى چىقارغان ئالتۇنلار، ئېمبارگولار سەۋەبىدىن شىۋېيتسارىيەدە ئەمەس، تۈركىيەدە ئىشلىنىپ، ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇلماقتا.

ۋېنېزۇئېلانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولسىمۇ، لېكىن، ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي، رۇسىيە ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بولۇپمۇ كانچىلىق ساھەسىدە ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى تۈرك كارىانىچىلارنى تەشۋىق قىلماقتا.

نۆۋەتتە ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە مول نېفىت زاپاسلىرىغا ئىگە ۋېنېزۇئېلا، تۈرك شىركەتلىرىگە نىسبەتەن مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. ۋېنېزۇئېلا شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەبىئىي بالىقلىرى مول بىر دۆلەتتۇر. جۈملىدىن، تۈرك شىركەتلىرىگە نىسبەتەن تېپىلغۇرسىز پۇرسەتلەر بار بىر دۆلەت. چۈنكى، ۋېنېزۇئېلادىكى كۆپلىگەن يەر ئاستى بايلىقلىرى تۈركىيەدە يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت، ھۆددىگەرلىك ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە يەتكەن سەۋىيە ۋېنېزۇئېلادا مەۋجۇت ئەمەس.

خەلقئارالىق رىقابەت ئازىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋېنېزۇئېلا تۈرك شىركەتلىرىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر بازار ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە نېفىت ئېكسپورت قىلىشتا ئىران مەسىلىسى سەۋەبىدىن باشقا يوللارنى تاللاشقا مەجبۇردۇر، شۇڭا، پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرى جەھەتتىن تۈركىيەگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغان ۋە ئالتۇن سودىسىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان كاراكاس ھۆكۈمىتى ئەنقەرەگە نىسبەتەن ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ناھايىتى مۇھىم دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر