چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە قوشۇمچە ئاسانلىقلار يارىتىپ بېرىلدى

تۈركىيەدىن 250 مىڭ دوللارلىق ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە قوشۇمچە ئاسانلىقلار يارىتىپ بېرىلدى.

1102615
چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە قوشۇمچە ئاسانلىقلار يارىتىپ بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىگە بولۇشىغا ئالاقىدار يېڭى بەلگىمىدە، 250 مىڭ دوللار ياكى شۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان چەت ئەل پېرىۋوتى بىلەن تۈركىيەدىن ئۆي – مۈلۈكنى نەق سېتىۋالغان ۋەياكى پۈتمىگەن بىنادىن ئۆي - مۈلۈك زاكاس قىلغان كىشىلەرگە ئالاقىدار كېلىشىمنى گۇۋاھلىق ئىدارىسىدىن تەستىقلاتقاندىن كېيىن، نوپۇس ئىدارىسىغا تاپشۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلدى.

تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە ئالاقىدار ھۆججەت رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەڭ ئاز دېگەندە 250 مىڭ دوللار ياكى شۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان چەت ئەل پېرىۋوتى بىلەن تۈركىيەدىن ئۆي - مۈلۈكنى نەق سېتىۋالغان بولۇشى ۋە ئىگىلىك كېنىشكىسىدە «3 يىلغىچە سېتىشقا بولمايدۇ» دېگەن ئىزاھات قويۇلغان بولۇشى شەرتى بىلەن ئۆي- مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ھەق - ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا دائىر ماددىغا «پۈتمىگەن بىنادىن ئۆي -مۈلۈك زاكاس قىلغان ئەھۋالدىمۇ كۈچكە ئىگە» دېگەن قوشۇمچە ھۆكۈم ئىلاۋە قىلىندى.

بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن چەت ئەللىكلەر ئاز دېگەندە 250 مىڭ دوللار ياكى شۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان چەت ئەل پېرىۋوتى بىلەن تۈركىيەدىن ئۆي  مۈلۈكنى نەق سېتىۋالغانلىقىغا دائىر گۇۋاھلىق ئىدارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدە، 3 يىلغىچە سېتىۋىلىنغان ئۆي -مۈلۈكنى باشقىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ياكى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىغا دائىر ئەھدىنامىسى ئۆي - مۈلۈك ئىگىلىك كېنىشكىسىنىڭ كۆتىكىدە ئىزاھلانغان بولۇش شەرتى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىنى قولغا كەلتۈرلەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ، قۇرۇلۇش لايىھەسى داۋاملىشىۋاتقان بىنادىن ئۆي سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئالاقىدار كېلىشىمنى گۇۋاھلىق ئىدارىسىدىن تەستىقلاتقاندىن كېيىن، تۈركىيە پۇقرالىقىنى قولغا كەلتۈرلەيدۇ. بىراق، بۇنداق ئەھۋالدا 3 يىلغىچە ئۆينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ئەھدىنامىسى بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر