چاۋۇشئوغلۇ بىريۇسسېلدا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈرلۈك ۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

1100722
چاۋۇشئوغلۇ بىريۇسسېلدا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ يىغىننىڭ دەسلەپكى كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، ئىسلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇدلاۇگۇر تور توردارسون، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوزېف بورېل، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنزو موئاۋېرو مىلانېسى، رۇمىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېئودور مېلېسكانۇ بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، «گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنا»، «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكى» قاتارلىق ئولتۇرۇشلار ۋە كەچلىك تاماق زىياپىتىگىمۇ ئىشتىراك قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر