تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 3 تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1097121
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، سىنات – ھافتانىن ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىستىھكام ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.