تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوي خىتايدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە خىتاي مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى لىيو شۇگاڭ بىلەن پايتەخت بېيجىڭدا كۆرۈشتى.

1097276
تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا دائىر تېمىلاردىن باشقا يەنە تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈلتۈر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى دائىرىسىدە خىتايدا قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار قانۇنىي رەسمىيەت باسقۇچى تاماملانغان يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتېتۇتى مەسىلىسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر مەھمەت ئەرسوي بۈگۈن «2018يىلى خىتايدا تۈركىيە ساياھەت يىلى» پائالىيەتلىرىنىڭ يېپىلىش كونسىرتىغا قاتنىشىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر