تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1095580
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرىدا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 4 ئەزاسى بىلەن، تەشكىلاتقا ئائىت ئىستىھكام ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.