ئەردوغان 40 ۋىلايەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل خەلىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە چاقىرىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شەھەر باشلىقلىرى نامزاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا پارتىيەسىنىڭ 40 ۋىلايەت ئۈچۈن تاللىغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى.

1094341
ئەردوغان 40 ۋىلايەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەردوغان ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە ئىزمىرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقىلىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلمىدى.

ئەردوغان نامزاتلارنىڭ ھەممىنى ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدىكى ئايدا سايلام ئەھدىنامىسىنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 3 چوڭ شەھەردە نامزات چىقارماي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باھچەلىگە رەخمەت ئېيتتى.

دەۋلەت باھچەلى تۇنۇگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە ئىزمىردا نامزات چىقارمايدىغانلىقىنى، بۇ ۋىلايەتلەردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

يەرلىك سايلاملار 2019يىلى 31 مارتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر