تۈركىيە ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1094202
تۈركىيە ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خوست ۋىلايىتىنىڭ مەندوزاي ناھىيەسىدىكى  بىر ھەربىي  ئىشتاب ئىچىدىكى جامەدە تۈنۈگۈن جۈمە نامىزى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ يارىلىنىشىدىن تولىمۇ قايغۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغۇچىلارغا ئاللاھتىن شىپە تىلەيمىز.»

ھۇجۇمدا 10 ئەسكەر ئۆلۈپ 15 ئەسكەر يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر