تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ «ئۈچ دىننىڭ ئىبادەتخانىسى»لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1094041
تۈركىيە گېرمانىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولۇپ كېلىشىگە يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈردى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، پايتەخت بېرلىندا مۇسۇلمان، يەھۇدى ۋە خىرستىيانلار بىرلىشىپ ئىبادەت قىلغىلى بولىدىغان ئىبادەتخانا سېلىشنى مەزمۇن قىلغان «بىر ئۆي» لايىھەسىگە دۆلەتنىڭ كېلەر يىلى 10 مىليون ياۋرو ئاجرىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەپسۇسنىارلىقى بۇ لايىھەدىن  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ ئورۇن ئالىدىكەن.

2022-يىلغىچە بۇ لايىھەگە راسخوت ئاجىرىتىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، ئىبادەتخانىنىڭ 2019-يىلى سېلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى بىدۈرۈلدى.

خەۋەردە بۇ لايىھە ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيادىن 9 مىليون ياۋرو ئىئانە يىغىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بىر ئۆي»لايىھەسىگە 45 مىليون ياۋرو كېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ «بىر ئۆي»لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

يەنەرئوغلۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «2016-يىلى 15-ئىيۇندا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىمۇ ئورۇن ئالىدىغان «ئۈچ دىننىڭ ئىبادەتخانىسى»لايىھەسىگە، 2019-يىلدىكى ئومۇمىي راسخوتتىن 10 مىليون ياۋرونىڭ ئاجرىتىلىپ بېرىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ،  بۇ تولىمۇ بىمەنلىكتۇر، بېرلىن ئۆلكىسى بۇنىڭدىن باشقا يەنە 10 مىليون ياۋرو ئىئانە قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر