چاۋۇشئوغلۇ پومپېيو بىلەن كۆرۈشىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1091358
چاۋۇشئوغلۇ پومپېيو بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ۋاشىنگتونغا بېرىپ، ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى پومپېيو بىلەن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئىككى مىنىستىرنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتى، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى، شۇنىڭدەك رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشى كۈتۈلمەكتە.

چاۋۇشئوغلۇ نيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن كەچتە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشۈپ، جەمال قاشىقجى جىنايىتى، يەمەن، سۈرىيە ۋە قىبرىستىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر