چاۋۇشئوغلۇ رەببانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستانلىق مەنسەپدېشى سالاھۇددىن رەببابى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1090330
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەر، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھۇددىن رەببانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، بىراق، تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ساھىبخانلىقىدا 19-، 20 – نويابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان 8 – نۆۋەتلىك دۇنيا مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا يېتىپ باردى.